Radiodiki Satqun Ablikim Baqilargha Nezer !

classic Classic list List threaded Threaded
2 messages Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Radiodiki Satqun Ablikim Baqilargha Nezer !

DUD Sozchisi
Banned User


شەرقىي تۈركىستان كۆرەش تارىخىدىكى بىر رەسۋاچىلىق

ئادەم ئىززىتىنى بىلمىسە شەرمەندىلىكنى شەرەپ بىلىدۇ، ئەقلى بولمىسا ئۇتتۇرغىنىنى بىلمەي ئۇتتۇم دەپ ئويلايدۇ. قاراڭ بۇ ئەپەندىلەرنىڭ ھالىغا:

يوقۇرىدىكى ئىمزالار ئۆزلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرى ياكى لېدىرلىرى دەپ ئويلايدىغان ئالتە بۈيۈك «لېدىر»نىڭ ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنىدىغان خىتايچە «بېيجىڭ باھارى» ناملىق ژۇرنالنىڭ بىر تەھرىرى بىلەن قىلىشقان ھەمكارلىق كېلىشىمىدىكى ئىمزالاردۇر. بۇلار(سولدىن ئوڭغا، يوقۇرىدىن تۆۋەنگە): ئاتالمىش مىللىي مەركەزنىڭ رەئىسى مۇھەممەد رىزا بېكىن؛ مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تارانچى؛ ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر (قالىغاچ شەكىللىك ئىمزا)؛ ۋەتەن فوندى باشلىقى تۇرسۇن تارانچى؛ تەپتىش كومىتېتى ئەزاسى (ھەم تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان فوندى جەمىيىتىنىڭ باش كاتىۋى)ھامۇت كۆكتۈرك؛ مىللىي مەركەز تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى ئەزاسى ئەركىن ئەكرەم. ئەڭ ئاستىدىكى قۇردا خىتايچە ژۇرنالنىڭ تەھرىرى شۈې ۋېي دېگەن خىتاي.

«لېدىر»لارنىڭ بىر ژۇرنال تەھرىرى بىلەن كېلىشىم قىلغانلىقى مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى بولسا، تېخىمۇ موھىم ۋە ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان تەرىپى بىرگە روبىرو ئالتە بۈيۈك «لېدىر»نىڭ _ ئۆزلىرىنى بىر دۆلەتكە، بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىمىز دەپ ئويلاپ يۈرگەن ئالتە «داھى»نىڭ ئىمزا قويۇشى، ھەتتا بۇ يەتمىگەندەك تەشكىلات تامغىسىنىمۇ باسقانلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەقەدەر ئىززىتىنى بىلمەيدىغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى دەلىللىمەكتە!

بۇ ئەقىللىق ئادەملەر («تاشقى مۇناسىۋەت» مەسئۇللىرى داخىل)، دىپلوماتىيىدە بىر باشمىنىستېرنى قارشى ئېلىشقا بىر باش مىنىستېر چىقىدىغانلىقى، ئەگەر بىر ئادەتتىكى دۆلەت خادىمىنى كۈتىۋېلىشقا باش مىنىستېر ياكى رەئىس جۇمھۇر چىقسا دۆلەتنىڭ ئىززىتىنى يەرگە ئۇرۇش، قارشى تەرەپكە ئارتۇقچە قۇلچىلىق قىلىش بولىدىغانلىقىدەك ئاددىي رىجەنىمۇ بىلمىگەن!


Menbe: http://www.eynek.biz/durmiz/forum.php?mod=viewthread&tid=17 

Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Re: Radiodiki Satqun Ablikim Baqilargha Nezer ! a

DUD Sozchisi
Banned User

Bu Menbe: http://www.eynek.biz/durmiz/forum.php?mod=viewthread&tid=17  UAA da mundaq bolup chiqmidi: http://www.**********/durmiz/forum.php?mod=viewthread&tid=17

Korguningizdek UAA diki rezillikler mana moshundaq !
u satqunlarning Imzalirini  kormekchi bolsingiz, chiqmas qiliwetilgen bu Menbeni bu torbettin izdeng: " http://www.uyghurensemble.co.uk/en-html/u-forum.html ".  we  „Radiodiki Satqun Ablikim Baqilargha Nezer !“ Namliq Maqalidin korung.

Ablikim baqini bu yerdin korung:

كورگۇنىڭىزدەك ئۇئائا دىكى رەزىللىكلەر مانا موشۇنداق !

ئۇ ساتقۇنلارنىڭ ئىمزالىرىنى  كورمەكچى بولسىڭىز، چىقماس قىلىۋەتىلگەن بۇ مەنبەنى بۇ توربەتتىن ئىزدەڭ  ۋە  „رادىئودىكى ساتقۇن ئابلىكىم باقىلارغا نەزەر !“ ناملىق ماقالىدىن كورۇڭ.

ئابلىكىم باقىنى بۇ يەردىن كورۇڭ:
 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/rabiye-qadir-04012015155147.html/rabiye-qadir-turmidin-azad.jpg/@@images/5628858d-4500-4778-93fe-0bc556c796c9.jpeg