http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?49231-Xeyr-xosh-ensiresh-teshwish-qorqush-we-%FCm%FCtsizlik - bu menbediki maqaligha qarashlar: نىمە ئۇچۇن خىتايچە يىزىق، خىتايچەسىياسەت، خىتايچەتەھدىت، ھاقارەتلەر بۇ توربەتتىن يوقالمايدۇ؟! ئىسابەگچىلەر ئۇئائا توربەتىدە ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىك-ئازاتلىقتىن ئۇمۇتسىزلەندۇرىدىغان، مۇستەقىللىق-ئازاتلىقتىن ۋاز كەچتۇرىدىغان ئەبلەخلەرچە سوئاللارنى قويۇپ، ساتقۇنلارچە سەپسەتىلەرنى يەزىپ كەلدى: شەرقىي تۇركىستانلىق ئۇيغۇرلار راستلا ئېزىلىۋاتامدۇ ؟ ياكى سىز شۇنداق ھىس قىلامسىز ؟ „ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىدا ئۇمۇت بارمۇ؟” “ئۇيغۇرلار ھوكۇمەتتىن ئۇمۇدىنى ئۇزدى، ئۇمۇدلىررىنى 20يىلدىن كىيىن خىتايدا بولىدىغان سىياسى ئوزگۇرۇشكە باغلىدى” “ۋەتەن ئازات بولارمۇ؟” „ خىتايلار ئۇيغۇرلارنى قالاق ھىساپلايدۇ“ „بىرىنجى ئوكتەبىر ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم كۇنى”… يۇزلەرچە بۇ تىپ سەپسەتەلەر باش بەتتىن ئورۇن ئىلىپ كەلدى. بۇنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلار دەل ئۇمۇتسىز شەيتانلار، مۇستەقىللىققا ئىشەنمەيدىغان، ئىشەندۇرمەيدىغانلارنىڭ ئوزى. ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ئەبلەخ سوئاللار ئارىسىدا ئىككىلەندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. ئەمدى بۇنىڭغا بىر يىڭىسى قوشۇلدى: „ئۇيغۇر تىلى ئۆلگەن تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالارمۇ؟“. بۇ توربەتتە مىژ-مىژ قىلىپ كەلگەن دىلشات رىشىت، ئەنۋەر توختى، ماۋلان قاتارلىق ئانا تىلىنى بىلمەيدىغانلار ئۇيغۇر تىلىنى ئاللىقاچان " ئولدى" دەپ قارايدۇ. „ئۇيغۇر تىلى ئۆلگەن تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالارمۇ؟“ دەپ سوئال سورالسا، ئويغانمىغان ئازغۇنلار "ئۇيغۇر تىلى ئولىدىغان بولدى"دەپ قارىمامدۇ؟ تەشۋىقات قىلغاندا، سوزلىگگندە -يازغاندا "ۋەتەن ئازات بولىدۇ"، „بىرىنجى ئوكتەبىر ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم كۇنى ئەمەس"، ”ئانا تىلىمىز نىمە دىگەن گۇزەل" دىگەندە،ئوقۇرمەن كەلگۇسىگە تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ، ئۇمۇت بىلەن قارايدىغان بولىدۇ. بۇنداق بولمىغان تەشۋىقات خىتاي تەشۋىقاتىدۇر. تارىم ئوغلى(نەبى تۇرسۇن)دىن سوراپ باقايلى: ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىققا ئىرىشمەي تۇرۇپ، ئانا تىلىنى قانداق قوغدىيالايدۇ؟ بارلىق مەسۇلىيەت "ئۇئائا" دا تۇرۇپ ۋەتەندىكى تىل-يەزىق ھەققىدە يەنە بۇ "ئۇئائا"دا بايانات ئىلان قىلغاندا چىنىپ قالمامدۇ؟ بۇ توربەت ئاناتىلىمىزنى يوقۇتۇپ خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئادەم ئالدىساڭلىمۇ تۇزۇكرەك ئالدىمامسىلەر؟! نىمە ئۇچۇن ئانا تىلنىڭ چەكلىنىشىنى خۇپسەنلىك قىلىپ خىتايغا ۋە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا دوڭگەپ قۇرۇق گەپ قىلىسلەسىلەر بولمىساڭلار خىتاي ئانا تىلىمىزنى ئۇئائا توربىتىدە قانداق چەكلىيەلەيدۇ؟ خىتاي تىل-يىزىقىنى ئۇئائا غا تولدۇرالايدۇ. نەمە ئۇچۇن خىتايچە يىزىق ئۇئائا دا تولۇپ-تاشقان؟!مەقسەت خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەمەسمۇ؟! نەچچە ئون يىلدىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دولىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن بولغان كورۇشىنى بوغۇپ يوقۇتۇش ئۇچۇن، ئىسابەگچىلەر مانىپول قىلىۋالغان"ئۇئائا"، رادىئو ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا خىتاي تىل-يەزىقى ئومۇملاشماقتا. خىتايچىنى ئۇيغۇرلارنىڭ 99٪ ئوقۇيالمايدۇ، چۇشۇنەلمەيدۇ. بولۇپمۇ دۇنيا بۇنىڭغا قاراپ ئۇيغۇرلارنى ئوز ئانا تىل-يەزىقى يوق، مۇستەقىل بولۇش سالاھىيىتى يوق - ھەقىقىتەن دۇق رەئىسلىرى ئىلان قىلغاندەك خىتاي بىرلىكى بولىدىغان( خىتاي بىلەن بىرلىشىپ كىتىدىغان) مىللەت ئىكەن دىگەن خۇلاسىغا كەلىدۇ.بۇ رەزىل ئويۇن بۇ توربەتتە باشتىن-ئاخىر داۋام قىلماقتا. ۋە بۇخىتايچە ماقالەلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئازدۇرۇش، ئالداش، تەھدىت سىلىش كۇچى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر قىلىۋاتىدۇ؟ مەسىلەن: "ئەلروھلان" قاتارلىقلارنىڭ "ئاكادىمك" ئۇزۇن ۋە زەھەر يازمىلىرى ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى كارامەتلەر، سان-سىپىرلار ۋە خىتاي مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن قورقۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ____ ئىسىمىسىز بىرلىرى خىتايچە يىزىقتا خىتايلار بىلەن "مۇنازىرە"قىلىشماقتا. مۇنازىرىنىڭ خۇلاسىسى ھەر- ئىككى تەرەپنىڭ ئوز-ئارا ماسلىشىپ مۇنازىرە قىلىنغان تىما ئۇستىدە ئۇيغۇرلارنى ھەقسىزلىققا چىقىرىپ، مات قىلىش بىلەن ئاخىرلاشماقتا. ئۇيغۇرلارنى كوپ تىمىلاردا يەرگە ئۇرغان بۇ ماقالىلەر ھازىرغىچە توربەتتە تۇرماقتا. بىراق يىگىرمە يىلدىن بىرى "دۇد"تەشكىلاتى مەسۇلى سىدىقھاجى. مەرتمۇسا قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا توغرا يول كورسۇتۇپ كىلىۋاتقان ھەقىقى ۋەكىللەر مەتبۇئاتتىن، "دۇق"دىن ۋە مەزكۇر توربەتتىن چەتكە قىقىلدى. ئۇلارنىڭ يازغانلىرى ئىلىپ تاشلاندى. ئۇلارئادىمى ھايۋانلار تەرىپىدىن ھاقارەت ۋە توھمەت قىلىندى. ___ بىرىلىرى ئوزلىرىنى ئۇيغۇر ئورنىدا قويۇپ خىتايلارنى پەسكەش ، ئەخلاقسىز يامان تىللار بىلەن ھاقارەتلەپ ئۇلارغا پاس چىقىرىپ بەرمەكتە. ئۇيغۇرلارنى خىتاي ۋە دۇنيا خەلقى ئالدىدا، ئىنسانلىققا يات ھەققانىيەتسىز، ئەخلاقسىز ئورۇنغا چۇشۇرۇپ كەلدى. ۋە بۇنىڭدىن پايدىلانغان خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئەڭ رەزىل تىللار بىلەن ھاقارەتلەپ ئىچ-پۇشىقىنى چىقارماقتا. ھايۋانمۇ قىلمايدىغان بۇنداق ئىشنى ئۇئائا مەسۇللىرى ئىزچىل قىلىپ كەلدى. ئۇلارغا بىۋاستە ياردەم قىلىپ، توربەتنى خىتايلارغا ئىچىپ بەرگەن ئۇئائا مەسۇللىرى ئوزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئىلان قىلغان دۇق ۋە "ئۇئائا" نىڭ مەسۇللىرى نۇمۇس قىلماستىن "ۋەتەندە خىتاي قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى چەكلىدى،"دەپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى بۇ توربەتتىن چەكلىدى. ئەمما بۇ ئۇئائا توربەتى ۋەتەندە ئەمەس، چەتەللەردە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى چەكلەپ، خىتايلارغا توربەتنى كىراغا بەردى، ___ تارىم ئوغلى(نەبى تۇرسۇن)! ئىككىنجى بىر گەپنى ئۇنۇتۇپ قالماي: تارىم ئۇ بىر دەريا، دەريادا سۇ ۋە بىلىقلار بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار قىزلىرىغا تارىم قىزى ، سۇ پەرىسى، بىلىققىز دەپ ئىسىم قويىدۇ. قۇرۇقلۇقتا، تاغدا ۋە ئورمانلاردا باتۇرلار، پالۋان ئوۋچىلار بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئوغۇللىرىغا باتۇرغوجام, پالۋان دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى بىلمەيدىغان ھالىڭغا باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇپ ئوزەڭنى "تارىم ئوغلى"دەپ -جىنسى پەرقنى ئارىلاشتۇرىۋاتىسەن. داداڭ سىنى تاققا چىقپ تاپقان، ئاناڭ تارىم ئويمانلىقىدا تۇققان بولسا ئۇنى دە. "تارىم ئوغلى" ئەمەس، "تارىم ئويمانلىقىدا تۇغۇلغان"دىسەڭ مۇۋاپىق. ئەگەر ئايال ياكى قىز بولساڭ مەنى ئەپۇ قىلىڭ خىنىمچاق. دەرھال كەچۇرۇڭ قىز، قوپال تەگدىم-دىيىشىم كىرەك. چۇنكى بەزى ئاتا-ئانىلار قىزلىرىغا "ئوغۇلخان"دەپ ئىسىم قويىدۇ-يا؟. بىر ۋاقىتلاردا ئوزىنى "تارىم يىلپىزى"دەۋالغان بىرى بولىدىغان. ئۇمۇ پەلىپەتىش گەپنى جىق قىلىپ تۇتۇلغاندا: "مەن چىشى يىلپىز"دەپ تۇرىۋالغان ئىدى. |
Free forum by Nabble | Edit this page |