Banned User
|
Menbe: http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?45879-UAA-amilayatta-ang-assaddipi-dictator-orun "ئۇئائا" ئەمىلەتتە خىتايدىنمۇ بەتتەر ئەڭ ئەشەددى ساتقۇنلارنىڭ دىكتاتۇرلۇق مەركىزى. مەن بۇرۇندىن مەيلى رفا ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياكى ئۇئائا بولمىسۇن ھەممىسىنىڭ كامچىلىق، خاتالىرىنى كورسۇتىپ پوست(يازما)لارنى يازىمەن، ھەر قەتىم يازمىلار نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ جىددى دىققىتىنى قوزغاپ، كىشىلەر ئوزىنىڭ پىكرىنى يازىدۇ، لەكىن ئۇزۇنغا قالمايلا، مەنىڭ پوستلىرىم(يازمىلىرىم) توردىن چىقىرىۋەتىلىدۇ. مەندىن باشقا يۇزلەرچە توغرا پىكىرلىك، دۇرۇس ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھاقارەت، توھمەتلەر ماڭا قارىغاندا تىخىمۇ ۋەھشى. ئۇنداقتا، ئۇئائا ، سىلەر ئامەركىداك بىر ئەركىن، دىموكراتىيە دولەتتە تۇرۇپ، قانداقسىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر قىلىش، سوزلەش ئاركىنلىكىگە قارشى چىقىسىلار؟ توۋاندا پەقەت بىر قانچە مىسالنى كەلتۇرمەكچى. 1. ئۇئائا ئامەركىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ، ئۇئائا غا ئەزا بۇلۇشقا قىستاپ، ئاگەر قۇشۇلمىسا، ئۇلارغا تاھدىت سالىدۇ... ماسىلەن، ئولتىرىۋاتىمىز، ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئوتەككە تىقىپ، بىجىڭغا ئىۋەتىپبىرىمىز... دىگانداك. بۇ خاتالىقمۇ، ساتقۇنلۇقمۇ، ياكى جىنايەتمۇ؟ 2.ئۇئائا ياكى رفا نىڭ خاتا سىياسىتى ياكى خاتا تاشۋىقاتى تۇپەيلى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋاتاندە قۇربان بەرىۋاتىدۇ. ماسىلان، ئۇئائا ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارنى دىنى جەھەتتىن كۇشكۇرتۇش ئارقىلىق، نۇرگۇن ئۇيغۇرلار دىنى ئىنقىلاپ، رادىكاللىق ئىسلام يولىغا مەڭىشنى تاللاۋاتىدۇ، . بۇنىڭ بىلەن خىتاي خالىغانچە قىرغىن قىلسىمۇ ، باستۇرۇلسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى بەلگىلىمەلەر بويىچە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان خەلقارا ئورگانلار چىقمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ موھىم بىر سەۋەبى بىزدە „ئۇيغۇر پكك“سى، „ئۇيغۇر ئۇچك“سى ۋە „ئۇيغۇر خاماس“يوق-ئەلبەتتە. بۇلارنىڭ بىزدە بىرەر تال ئۇچقۇنى چىققان ھامان دۇق، ئۇئائا ۋە رفا مەسۇللىرى خىتايغا دەرھال مەلۇم قىلىغلىق.مەسىلەن ئالساق ئىنتايىن كوپ مىساللار بار. شوھرات ھوشۇرنىڭ ئامەركىدا تۇرۇۋەلىپ ، ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىپ، ياكى خاتا جاۋاپ بەرىشكە قىستاپ، نۇرگۇن ئۇيغۇرلار تۇرمىگا كىرىپ كەتىۋاتىدۇ. بۇ ماسۇلىياتنى شوھرات ھوشۇر ئەمەس، كىم ئوز ئۇستىگا ئالىدۇ؟ئۇئائا نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھارخىل سوز ئاركىنلىگىنى توسۇشى ، ئۇيغۇرلارنى ئامەركا ھوكىمىتىگەخىتاينىڭ ئىشپىيۇنى دەپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى "ئۇئائا" ئەمەس كىم ئۇستىگا ئالىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھىچقانداق ئىشىنى باشقا ئاچىقالماسلىقتىكى ساۋابى- رفا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياكى ئۇئائا دا بولمىسۇن ، ئۇيغۇرلار قايىل بولغۇداك بىرەر ئادام يوق، رابىيا قادىرنىڭ قانداق ئادام ئىكانلىگىنى ھامما ئادام ئوبدان بىلىدۇ، سىدىق ھاجى روزىنىڭ قانداق ئادام ئىكانلىگىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، ئۇئائا دىكى باشقىلارمۇ ئاساسى جاھاتتىن ئوخشاش، ئۇيغۇرلار قايىل ۋە مايىل بولغىداك بىرەر ئادام يوق.... ھەممىسى "ئىسابەگچى"لەر. بۇنداق شارائىتتا، ئۇيغۇرلار نىمە ئۇچۇن بۇلارغا ئەگىشىدۇ؟ Awtor Namelum |
Free forum by Nabble | Edit this page |