ئۇئائا تورىدا „ئۇيغۇر تىلى ئۆلگەن تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالارمۇ؟“دىگەن "سەھەر"خاننىڭ ماقالەسى ئىلان قىلىنغان.
Menbe:
http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?49252-Uyghur-tili-%F6lgen-tillar-qataridin-orun-alarmuhttp://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?49252-Uyghur-tili-%F6lgen-tillar-qataridin-orun-alarmu بۇ يازمىنى ئاۋتۇرنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى كوزدە تۇتۇپ، ئىھتىيات بىلەن يىزىشقا مەجبۇر بولدۇم.
تىمىنىڭ ئوزىلا ئوقۇرمەنلەرنى "ئۇيغۇر تىلى ئولۇشى مۇمكىن"دىگەن تەسەۋۋۇرغىمۇ كەلتۇرىدۇ. ئىسابەگچىلەر ئۇئائا توربەتىدە ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىك-ئازاتلىقتىن ئۇمۇتسىزلەندۇرىدىغان، مۇستەقىللىق-ئازاتلىقتىن ۋاز كەچتۇرىدىغان مۇنداق ئەبلەخلەرچە سوئاللارنى قويۇپ، ساتقۇنلارچە سەپسەتىلەرنى تەشۋىق قىلى كەلدى:
شەرقىي تۇركىستانلىق ئۇيغۇرلار راستلا ئېزىلىۋاتامدۇ ؟
ياكى سىز شۇنداق ھىس قىلامسىز ؟
„ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىدا ئۇمۇت بارمۇ؟”
“ئۇيغۇرلار ھوكۇمەتتىن ئۇمۇدىنى ئۇزدى، ئۇمۇدلىررىنى 20يىلدىن كىيىن خىتايدا بولىدىغان سىياسى ئوزگۇرۇشكە باغلىدى”
“ۋەتەن ئازات بولارمۇ؟”
„ئۇيغۇر تىلى ئۆلگەن تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالارمۇ؟“
„ خىتايلار ئۇيغۇرلارنى قالاق ھىساپلايدۇ“... قاتارلىقلار.
ھەتتا ھاماقەت ئۇيغۇرلارنى ئازدۇرۇپ „بىرىنجى ئوكتەبىر ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم كۇنى”دەپ نامايىشلار قىلدۇرۇشتى.
يۇزلەرچە بۇ تىپ سەپسەتەلەرنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلار دەل ئۇمۇتسىز شەيتانلار، مۇستەقىللىققا ئىشەنمەيدىغان ياكى ئىشەندۇرمەيدىغان ساتقۇنلارنىڭ ئوزى بولۇپلا قالماستىن، بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ئەبلەخ سوئاللار ئارىسىدا ئىككىلەندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
تەشۋىقاتنىڭ مەقسىدى- ئۇيغۇرلارنى ئويغۇتۇش، ئازاتلىق-ھۇلۇككە ئۇمۇت ۋە ئىشەنچ باغلايدىغان قىلىشتۇر. "تىلىمىز ئولمەيدۇ، ۋەتىنىمىز ئازات بولىدۇ"، „بىرىنجى ئوكتەبىر ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم كۇنى ئەمەس”دەپ قىلىنمىغان تەشۋىقات خىتاي تەشۋىقاتىدۇر.
DUD Sozchisi