imza quyung

classic Classic list List threaded Threaded
2 messages Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

imza quyung

aikrim
yéqinda duq ning merkizidiki dolqun eysa,esqerjan,ümüt xemit,perhat yurungqash,enwerjan,ablimit tursun,enwer exmet,gheyur qurban qatarliq 8 rehber birdek rabiye xanim uda 3 qétim duq ning reyslik xizmitini ishligenligi nöwette xanimning yéshining chongiyishigha egiship salametigining yaxshi bolmighanliqi,shunga dawamliq türde duq ning reyslik xizmitini ishleshke mas kelmeydighanliqi toghrisda qarar maqullap birleshme imza quyush shekli bilen rabiye xanimni duq ning reysligige qayta saylinishtin waz kichishke dewet qilghan idi.
rabiye xanimning duq ning reysligige saylinish saylanmasliqi musteqqilliq dewayimizning kelgüsi tereqqiyatigha munasiwetlik muhim ish.eger siz rabiye xanim duq ning reysligige qayta saylanmasliq kérek dep qarisingiz imza quyung!
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

Re: Pazil aykirim...largha Lenet

DUD Sozchisi
Banned User


"Pazil, aykirim"lerge " Biz bilmeydighan Tarix"tin Kirish Soz:


ماقالە ئاخىرقى جۇمھۇرىيەتنى مەغلۇپ قىلغان " ئارىمىزدىكى خىتايدىنمۇ بەتتەر  ئىسا يۇسۇپ، مەسئۇت سابىرىلار..." ۋە بۇ ساتقۇنلارنى ئىلان قىلغان ئۇلۇق ئاتا ئۇيغۇر ئەخمەتجان قاسىمى دەۋرىدىكى كومۇلگەن تارىخنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ. ئەپسۇسكى ئۇيغۇرلار بۇ تارىخنى تەخى يەقىندىلا ئوقۇشقا باشلىدى. مەزكۇر ماقالەنى ئوقۇغاندا ئۇ تارىخ كوز ئالدىمىزدا ئەينەن تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى كورەلەيسىز. ئىسابەگ(يۇسۇپ)نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ۋارىسى خىتاي خوتۇنىدىن بولغان ئەركىن ئىسا، ئىلغا رىسا ۋە ئەرسلان ئىسالارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن، ئالدىنىپ ئازغان دۇق، ئۇئائا، رادىئو ۋە دىنچى توربەت مەسۇللىرىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.

بۇ ماقالە ئۇئائا توربىتىگە قويۇلۇشى بىلەن دەرھال ئەلىپ تاشلانغان.(1) مانا بۇ تارىخنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى كورسۇتۇدۇ. ئۇيغۇرلارغا ئوز تارىخىنى يوشۇرغانلار ئۇيغۇرلارنىڭ قاتىللىرىدۇر.  

„قۇل قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ ئازاتلىق ئۇچۇن بولغان ئۇرۇشى ئۆز تارىخىنى ياخشى بىلمەي تۇرۇپ غەلبە قازىنالمايدۇ. مۇستەملىكىچىلەر جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۇچۇن ھەر-دايىم تارىخ بىلەن ئوينۇشىدۇ - ئۇنى بۇرمىلايدۇ، يوققا چىقىرىدۇ„(2).  

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان، مۇستەملىكىچى خىتاينىڭ ئورنىدا تارىخىمىز بىلەن ئوينۇشىۋاتقان، ئۇنى بۇرمىلاۋاتقان، يوققا چىقىرىۋاتقانلار قۇربان ۋەلى، ئەركىن ئىسا يۇسۇپ، ئابلىكىم باقى، پەرھات مەمەت (يورۇڭقاش)، "پازىل" قاتارلىق ئىسابەگچىلەر ھاقارەت ۋە توھمەتكە تايىنىپ، قىلغان خىيانەت، ئوغۇرلۇق، قويمۇچۇلۇق، قاتىللىق، ساتقۇنلۇق  جىنايەتلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىساپ بىرىشتىن قاچماقتا. جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۇچۇن "دۇقنىڭ 5-قۇرۇلتايى"نى ئەچىپ، يەنە ساختە سايلام ئوتكۇزۇپ خىتاي مۇستەملىكە تۇزۇمىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن، ساتقۇنلارنىڭ ئۇۋىسى-دۇق نى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن "پازىل ئايكىرىم"لار رەڭمۇ-رەڭ سۇرەتكە كىرىپ، شەيتانى شۇملۇقلارنى قىلىشماقتا.


malik-u@web.de